باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسۇل ئۇرۇشىدا 500 مىڭغا يېقىن پۇقرا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى

2017.04.19 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 17-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ موسۇل ئۇرۇشىدا 500 مىڭغا يېقىن پۇقرا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئىسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇغۇچىسى مۇنداق دېدى: موسۇل ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 1 مىليون 900 مىڭ پۇقرا قۇتۇلدۇرۇلدى، ياردەم بېرىش تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە پۇقرالارغا ئاشلىق، سۇ، چېدىر، داۋالاش قاتارلىق ياردەملەرنى بېرىپ كەلمەكتە.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، موسۇلنىڭ غەربىي قىسىمىدا، ھازىر يەنىلا 500 مىڭ پۇقرا ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى كونترول قىلىپ تۇرغان رايوندا تۇرمۇش كەچۈرمەكتىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 400 مىڭ كىشى كوچىلىرى تار بولغان كونا شەھەر رايوندا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر