باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر كادىرلىرى، ئاممىنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى بولدى

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى

2017.04.20 14:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل مەدەنىيەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، بەخت - سائادەت، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، تاشقى دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بۇ بىپايان، مۇنبەت زېمىننى ئورتاق ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ ۋە قوغداپ كەلدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاسايىشلىق تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ئىلگىرى سىرتقا چىقساق ئېشەك ھارۋىسى، ئات ھارۋىسىغا ئولتۇراتتۇق، ھازىر موتوسىكلىت، ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلانلار قولايلىشىپ كەتتى؛ ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالمايتتى، ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، بالىلار يەنە مەكتەپتە، يەسلىدە قۇۋۋەتلىك تائاملاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئىلگىرى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئاغرىپ قالسا داۋالىنالمايتتى، ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قاتارلىقلار شەھەر - يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەر، ھەممىسى كۆپچىلىك ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپلەر. مۇشۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشىمىز، «جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

  لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ زەھەرلىشى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، نۇرغۇن زوراۋانلىق قىلمىشلىرى، قانلىق دېلولار يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا «قالاق، نادان، ئەخمەق، زوراۋان - تېررورچى» دېگەن بەلگە چاپلاندى! مىللىتىمىز زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىسكەنجىسىدە قېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق يۇرتىمىزنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، مانا بۇ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ مىللىتىمىزگە كەلتۈرگەن بالايىئاپىتى!

  مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئويغىنىدىغان، ھوشىمىزنى تاپىدىغان، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدىغان، ئورنىمىزدىن دەس تۇرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى! مەن ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ خەۋپىنى ئېنىق تونۇشىنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بايرىقى تېخىمۇ روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، زوراۋان - تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشىنى، مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، زوراۋان - تېررورچىلارغا ئاڭلىق زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئاڭلىق ئەيىبلەپ، بىنورمال ئەھۋاللارنى ئاڭلىق دوكلات قىلىپ، تەشۋىقاتقا ئاڭلىق قاتنىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاڭلىق بويسۇنۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى ۋە تۇپرىقى بولمايدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»مۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  بىز ئۇيغۇر كادىرلار دۆلەتنىڭ، پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىلەن چەك - چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. ئۆز مىللىتىمىزگە بولغان ھېسسىياتىمىز، تىل قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكىمىز ۋە خاس رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇشىمىز كېرەك.

  ھازىر قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان پەۋقۇلئاددە مەزگىلگە، ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى، ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، زېھنىنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى بويلاپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشى، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئاڭلىق توسۇشقا يېتەكلىشى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما مۇداپىئەلىنىش، ئامما تۈزەشتىن ئىبارەت مۇقىملىقنى قوغداش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ئۇرۇشنى ھەرگىز توختاتماسلىقى كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر