باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

70 ياشتىن ھالقىغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى پارتىيە ئىزنىكىنى بىر كۈنمۇ قالدۇرماي 40 يىل تاقىدى

2017.04.19 17:00   مەنبە: خەلق تورى

70 ياشتىن ھالقىغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى پارتىيە ئىزنىكىنى بىر كۈنمۇ قالدۇرماي 40 يىل تاقىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلاجان خالىق خەۋىرى) «دۆلەت گېربى مەيدەمدە، پارتىيە مېنىڭ قەلبىمدە»،- 75 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان مەتسىيىت ھاياجانلانغان ھالدا پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى. ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى سايغان مەھەللە كەنتىدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، قەسەم بېرىش، ئىمزا قويۇش پائالىيىتى جەريانىدا، جۇغى كىچىك، چېچى ئاقارغان زورىخان مەتسىيىت ئانا قىزىل پىلاكاتقا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىۋاتاتتى، قۇياش نۇرى ئاستىدا، موماينىڭ مەيدىسىگە تاقىغان ئوچۇق قىزىل رەڭلىك پارتىيە ئىزنىكى، موماينىڭ روھىي ھالىتى، ئەستايىدىللىق چىراي ئىپادىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان مەتسىيىت ئانا تىلغا ئېلىنسىلا، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى 40 نەچچە يىل ئىزچىل تاقىغان ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلىشىدۇ.

  كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇربان ئەختەم مۇنداق دېدى: «مەيلى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش بولسۇن، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ياكى ئۆگىنىشى بولسۇن، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيىتى بولسۇن، قاچان ئۇنى كۆرسەك پارتىيە ئىزنىكى ھەر ۋاقىت مەيدىسىگە تاقاغلىق تۇرىدۇ، ئۇنى ھەر بىر قېتىم كۆرگىنىمىزدە بىز ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ».

  زورىخان مەتسىيىت ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى سايغان مەھەللە كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، 75 ياشلىق بۇ موماي 1966-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەنتتە شەرەپلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم كەنت كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1980-يىلى كەنت ئاياللار مۇدىرى بولغان، ئۇدا 20 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىققان.

  1975 -يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىلىق ھۆكۈمەت بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى» گە قاتنىشىشنى تەشكىللىگەندىن بۇيان، زورىخان مەتسىيىت ئانا پارتىيە ئىزنىكىنى بىر كۈنمۇ ئېلىۋەتمىگەن، كىيىم يۇيغاندا، ئالماشتۇرغاندا پارتىيە ئىزنىكىنىڭ چۈشۈپ قېلىپ يوقاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ پارتىيە ئىزنىكىدىن بىر نەچچە تال كۆپرەك ئىلتىماس قىلىپ، دائىم كىيىدىغان كىيىملىرىگە ئىلىپ قويغان. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن پارتىيە ئىزنىكىنى ئىزچىل تاقاپ كەلگەنلىكىنى سورىغاندا، زورىخان مەتسىيىت ئانا ئاددىي سۆزى بىلەن: «مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇ سايغان مەھەللە كەنتىدە ياشىدىم، كەنتىمنىڭ نامرات، قالاق ھالەتتىن باي-باياشات ھالەتكىچە بولغان تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەنتكە ۋە دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن شۇنچە كۆپ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، مەن چىن كۆڭلۈمدىن پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيە ئەزاسى بولغانلىقىمدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن»، دېدى.

  ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن سايغان مەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتمىڭ 1-شۇجىسى جىن رۇتاۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان مەتسىيىتتىن ئۆگىنىش، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە «پارتىيە ئىزنىكى تاقاپ سالاھىيىتىنى، ئوبرازىنى تىكلەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يىغىنغا ۋە ياكى كەنتتىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى تىكلىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، «بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق» ئىكەنلىكىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى زورىخان مەتسىيىت ئانىنىڭ 40 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ پارتىيە ئىزنىكى تاقىشى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن يەنە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىياپىتىنى، مەسئۇلىيىتىنى، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى، ئېتىقادى ۋە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايەن قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى
    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…