- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قارىتا «سەۋر قاچىسى توشتى»مۇ؟
رۇسىيە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش، جۇڭگو ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلدى
2017.04.19 16:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 17-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ئوخشاش چاۋشيەنگىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاۋروف ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مايك پەنسىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى. مايك پەنسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «چاۋشيەنگە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقى ئاخىرلاشتى»، دېگەن ئىدى.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ شۇ كۈنى: سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى تىنچ يول بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر