باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە تەپتىش ئورگىنى 18 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن پاك گۈنھې ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشنى قارار قىلدى

2017.04.19 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە تەپتىش ئورگىنى تۈنۈگۈن 18 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۈنھې ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشنى قارار قىلدى، بۇ پارا ئېلىش، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، كارخانىلارنى مەبلەغ چىقىرىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پاك گۈنھې كورېيە تارىخىدا خىيانەتچىلىك قىلغان چىرىكلەشكەن دېگەن گۇمان بىلەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان 3-سابىق زۇڭتۇڭ.

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئالاقىدار جىنايى ئىشلار دېلوسىغا قاراپ چىقىش خىزمىتى سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى كورېيە زۇڭتۇڭ سايلىمى كۈنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەگەر پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايىتى بېكىتىلسە پاك گۈنھې 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك قاماقتا يېتىشقا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر