باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپ سانلىق رۇسىيە پۇقرالىرى رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ باھا بەرگەن

2017.04.19 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ پۈتكۈل رۇسىيە جەمئىيىتى تەتقىقات مەركىزى 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، %80 رۇسىيە پۇقراسى رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پاسىسىپ باھا بەرگەن.

  ئەل رايىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %82 پۇراق رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى يۇقىرى بولمىغان، ھەمدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى جىددىي، سوغۇق، دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا دەپ قارىغۇچىلار ئايرىم ئايرىم ھالدا %42.%28،%12 نى ئىگىلىگەن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان تەخمىنەن % 14 كىشى ئىجابىي باھا بەرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورمال، بىرقەدەر دوست، ئىناق دەپ قارىغۇچىلار زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلار ئىچىدە ئايرىم ئايرىم ھالدا %9،%3، ۋە %2 نى ئىگىلىگەن.

  رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا %38 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى كەلگۈسىدە رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ ھېسابلىغان. %15 كىشى رۇسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنىمۇ يامانلاشماقتا دەپ قارىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر