4- ئاينىڭ 2- كۈنى، پاكىستان راۋالپىندىدىكى بىر يېمەكلىك كوچىسىدا، ئاشپەز توخۇ گۆشى كاۋىپى ۋە قوي گۆشى كاۋىپى پىشۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان تائاملىرىدا كۆپىنچە دۈملەش، پىشۇرۇش ۋە قاقلاش قاتارلىق پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدىكەن، تائاملىرىنىڭ تەمى ئاچچىق كېلىدىكەن، ئاساسەن كالا گۆشى ۋە توخۇ گۆشى يەيدىكەن، كۆپ ئىشلىتىدىغان كۆكتات بولسا، پىياز، كۆكمۇچ، شوخلا، بەسەي، پىدىگەن، ياپراقلىق ئۇسۇڭ، پالەك ۋە پۇرچاق قاتارلىقلار ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى