باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىنستىتۇتىنى قۇردى

2017.04.19 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىنستىتۇتىنى قۇردى. مەزكۇر ئىنستىتۇت 18- ئاپرېل رەسمىي قۇرۇلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇت جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، پەن ھالقىغان ھالدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە مائارىپ بويىچە يېتىشتۈرۈشتەك سۇپىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. سەيبولې مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، سامسۇڭ خۇڭيې مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ۋە جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش گۇرۇھى قاتارلىق ئۈچ كارخانا دۆلەت پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، 100 مىليون يۈەن ئىئانە بېرىشنى قارار قىلىپ، مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ھەرقايسى جەھەتتىن قوللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر