باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 25 مىليون 140 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2017.04.19 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. بۇ يىل 3-ئايغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالاش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 25 مىليون 140 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 846 مىڭ 900 ئادەم قېتىم كۆپەيگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ چېڭيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئىككىگە تولۇق قاتناشتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېڭەيتىش مەخسۇس تۈر ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ھەر قايسى سۇغۇرتا تۈرلىرى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %95تىن يۇقىرى بولۇشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر