باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2017.04.19 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىن گاڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ياردەمچىسى بولدى؛ زۇ جيايى (ئايال) تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى؛ شۈ يوڭشېڭ گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى؛ شۈ چىن بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى؛ كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولدى؛ ياۋ شىنمېن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ (ئايال)، لۇ شۈ قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولدى.

  شېن شياۋمىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ يۈ گېسېڭ مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جاڭ چىڭۋېي بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، سەمەت مەمەت، يۈ شيۇدۇڭ، سۇڭ جيەنيې قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولدى؛ لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، سۇڭ خاۋ قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ياڭ فۇلىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ئابلىز نىياز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر