باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھانى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى باشلىنىدۇ

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز

2017.04.19 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھانى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى (4-ئاينىڭ 22-كۈنى) باشلىنىدۇ، ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقارمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېسىپ چىقىرىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى ئىمتىھان بېرىش ۋاقتىغا ئاز قالدى، ئىلگىرىكى يىللاردا بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا بېسىپ چىقىرىۋالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىمتىھانغا قاتنىشالماي قالاتتى، شۇڭا بىز ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشىنى ئەسكەرتىمىز، بولمىسا ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي پەن تۈرى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىنىدۇ، چۈشتىن بۇرۇن «مەمۇرىي كەسپى ئىقتىدارىنى سىناش»، چۈشتىن كېيىن «دەلىللەپ چۈشەندۈرۈش»، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، كەسپىي ئىمتىھان تۈرىدىن «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي بىلىملىرى»، «خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرى» ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2017-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر