باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى تورى رەسمىي ئېچىلدى

2017.04.19 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ھەققىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك كاتتىباشلار مۇنبىرىدە، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ بىن مۇنداق دېدى: ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ ناھايىتى تېز بولۇشى ۋە رىقابەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ئېلىمىزدە كىشىلەرنىڭ خامۇشلۇق خاراكتېرىدىكى توسالغۇغا ئۇچراشنى ئاساس قىلغان ھالدا، روھىي كەيپىيات جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچراش ۋە تەشۋىشلىنىش خاراكتېرىدىكى توسالغۇغا ئۇچراش دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى ئۆرلىدى. بولۇپمۇ، روھىي كەيپىيات جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %4.06كە يەتتى.

  روھىي كەيپىيات جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بۇ %4.06 كىشىلەر ئىچىدىكى بىمارلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى گەرچە خامۇشلۇق خاراكتېرىدىكى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمىگە ئانچە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىمارلار ئېنىق ھالدا ئۆزىنى ئازابلىق ھىس قىلىدىكەن، بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىجتىمائىي رولىغا تەسىر قىلىدىكەن. بۇ باسقۇچتا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە كەسپىي جەھەتتىن بىر قىسىم ياردەملەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئاخىرىدا خامۇشلۇق كېسەللىكىگە ئۆزگىرىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى نوپۇس-مەدەنىيەت-تەرەققىيات مەركىزى تەرىپىدىن ھازىرلانغان مەزكۇر تور، يەنى، خەلقنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى تورى مانا ئەمدى رەسمىي ئېچىلدى. مەزكۇر سۇپا كەسپىي خادىملار ۋە ئاممىنى بۇنىڭغا ئائىت ئۇنىۋېرسال پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، روھىي ساغلاملىق، پىسخىكىلىق ساغلاملىق ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلار دېگەندەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بۇ تور نۇقتىلىق ھالدا كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان بەش چوڭ جامائەت پاراۋانلىق پىلانىنىمۇ ئېلان قىلدى، شۇ ئارقىلىق، ئۇلارنى كەسپىي پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر