باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

C919 بەلگىلىك ئايروپىلان تۇنجى ئۇچۇرۇلۇپ، باھالاشتىن ئۆتتى

2017.04.19 16:18   مەنبە: خەلق تورى

C919 بەلگىلىك ئايروپىلان تۇنجى ئۇچۇرۇلۇپ، باھالاشتىن ئۆتتى

  سۈرەتتە: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەنC919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتى سىناق مەركىزىنىڭ جۇياۋ بازىسىدىكى ئايروپىلان ئامبىرى ئىچىدە توختىتىپ قويۇلدى (4- ئاينىڭ 11- كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 18- كۈنى، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇپ باھالاش يىغىنى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى شىركىتىنىڭ سىناق مەركىزىدە ئېچىلدى. قاتتىق باھالاش ئارقىلىق، باھالاش كومىتېتى C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرۇلۇپ باھالاشتىن ئۆتكەنلىكى، بارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تېيىلىش سىنىقى تاماملانغاندىن كېيىن، پۇرسەت تاللاپ تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلسا بولىدىغانلىقىغا بىردەك قوشۇلدى.

  بۇ C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانى ياساشتا مۇھىم بىر قەدەم بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى باھالاش 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى ئۇچۇش بويىچە تېخنىكىلىق باھالاشتىن كېيىن، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانى تاماملىغان تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشتىن ئاۋالقى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك باھالاش ۋەزىپىسى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…