باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تۇنجى قېتىم ب د ت يىغىنىدا ئورتاق سۆز قىلدى

2017.04.20 10:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جيېيى 18-ئاپرىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ ب د ت «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا مەبلەغ توپلاش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئورتاق سۆز قىلدى. بۇ، 2006-يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم زور خەلقئارا مەسىلىلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سورۇنىدا ئورتاق پىكىر بايان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 2017- يىللىق رەئىس دۆلىتى بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، ليۇ جيېيى شۇ كۈنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، ب د ت نىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا مەبلەغ توپلاش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئورتاق سۆز قىلدى.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى 2006-يىلى باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەمكارلىق ساھەلىرى داۋاملىق كېڭىيىپ، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنى يېتەكچى قىلغان، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى قاتارلىق يىغىنلارنى تايانچ قىلغان ئىقتىساد-سودا، مالىيە-پۇل، سودا-سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، سەھىيە، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئاقىللار ئامبىرى ۋە دوستانە شەھەرلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلما شەكىللەندى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەنە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى، جىددىي ئەھۋال زاپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسى، سودا- سانائەتچىلەر كېڭىشى ۋە ئاقىللار كېڭىشى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى قۇرۇپ چىقتى. 2017-يىلى 9-ئايدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر