باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 108 تېررورچى ئۇنسۇر ئېتىپ تاشلاندى

2017.04.19 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستاننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاشىپ جافۇر 17-ئاپرېل، پاكىستان ئارمىيەسى بىلەن قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى تارمىقى قانات يايدۇرغان قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇشتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، ھازىرغىچە تۈرلۈك تازىلاش ھەرىكىتىدىن 400 قېتىم ئېلىپ بېرىلىپ، ئاز دېگەندە 108 تېررورچى ئۇنسۇرنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى، 4 مىڭ 500 دىن كۆپرەك تېررورچى گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، كۆپلىگەن قورال ياراق ۋە ئوق دورىلارنىڭ ئولجا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ھەمدە بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پاكىستان غەربىي شىمالدىكى كەيپار ۋە پۇشتۇ ئۆلكىسىدىكى ئافغانىستان پاكىستان چېگرا رايونىدا توساق قۇرماقتا، بۇندىن كېيىن يەنە غەربىي جەنۇبىي قىسىمدىكى بالۇجىستان ئۆلكىسىدىكى پاكىستان ئافغانىستان چېگرا رايونىدا بۇ قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر