باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەرش كېمىسى 1-نومۇر 20-ئاپرىل سائەت 19دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلىدۇ

2017.04.20 10:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قۇماندانلىق ئىشتابى مۇزاكىرە قىلىپ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 19دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە ئەرش كېمىسى 1-نومۇرلۇق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش قارار قىلىنغان.

  ئۇزۇن سەپەر 7- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا دۆلىتىمىز ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشى توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتا بولۇپ، مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل سۇيۇق ئوكسىگېن __ كىرسىنلىق راكېتا يېقىلغۇسى ئىشلىتىلگەن، بۇ راكېتا 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ ئەرش كېمىسى توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ۋە ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتادىن تەركىب تاپقان ئالەم بوشلۇقى پونكىتى يۈك تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي نامايان بولۇشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم تېخنىكىلىق ئاساس ئاساس سالدى.

  ئەرش كېمىسى 1-ناملىق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 380 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇچۇش ئوربىتىسىغا كىرىدۇ، ئارقىدىن ئوربىتىدا ئايلىنىۋاتقان ئەرش ئوردىسى 2-نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى بىلەن ئاپتوماتىك تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر