باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەپ، نىيەت ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولايلى

2017.04.20 14:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» سۆھبەت يىغىنى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جاي - جايلاردىن كەلگەن دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ 70 ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان، نىيەت ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولغان تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى، پاش قىلدى ۋە تەنقىدلىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: خاس ئەۋزەللىكىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، نىيەت ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمىز.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدىكى 3 - مەيدان سۆھبەت يىغىنى، سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلەش، شۇنداقلا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ ئەزالىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا نىيەت ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش سىياسىي ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، ئۈلگىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوغداپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان.

  سۆھبەت يىغىنىدا دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ يەتتە ۋەكىلى ئوخشىمىغان نۇقتا، ئوخشىمىغان تەرەپتىن پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، باش نىشانغا يېتىشنى چۆرىدەپ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدۇ، ھەر بىر ئەزا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئالتە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ بار ئىكەن، ئەزالىرى 5400دىن، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار 2000دىن ئاشىدىكەن، ئۇلار ئاساسلىقى، ھەرقايسى ساھەلەردە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام زاتلىرى ۋە ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك زىيالىيلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر