باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ تاشيول مۇساپىسى 85 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ

2017.04.20 14:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يىل يېڭىدىن توققۇز چوڭ تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلايدىكەن. بۇ توققۇز تۈر ئىچىدىكى دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرىدىن جىڭ ناھىيەسىنىڭ ساشەنزى (بىڭتۈەننىڭ 83- تۈەنى)گىچە بولغان 95.7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پۈتسە، غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ تاشيول مۇساپىسى ئەسلىدىكىدىن 85 كىلومېتىر قىسقىرايدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئىلى ئوبلاستى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ساھەسىدە «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى يولغا قويغانلىقىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەرلىك مالىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىش ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى تاشيول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، ئومۇمىي قاتناش مۇساپىسى 756 كىلومېتىر كېلىدىغان توققۇز چوڭ تۈرنى يولغا قويغان ھەم قۇرۇلۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىنچىكە ئىشلەپ، بۇ تۈرلەردە پات ئارىدا ئىش باشلاشقا پۇختا ئاساس سالغان. بۇ توققۇز تۈر ئىچىدىكى دۆلەت يولى 577- لىنىيەسىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرىدىن جىڭ ناھىيەسىنىڭ ساشەنزى (بىڭتۈەن 83- تۈەنى)گىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل 6 - ئايدا رەسمىي ئىش باشلىنىدىكەن، بۇ يېڭى يول غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرىدىن باشلىنىپ، نىلقا ناھىيەسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئابرال تاغلىرىدىن ھالقىپ جىڭ ناھىيەسىگە تۇتىشىدىكەن، تەلكە، كەڭساي، سايرام كۆلى ۋە ۋۇتەي قاتارلىق جايلاردىن ئۆتمەيدىكەن. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 2019- يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن. بۇ يول ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ ئىلىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادى ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر