باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ مەسئۇللىرى شىنجاڭدا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

2017.04.20 15:02   مەنبە: خەلق تورى

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ مەسئۇللىرى شىنجاڭدا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بەك ياخشىكەن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى بەك مول مەزمۇنلۇق ئىكەن!»، 19-ئاپرىل، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ مەسئۇللىرى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسى ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىدا زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، بەس-بەس بىلەن شۇنداق دېدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش كۇرسىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم «ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش __ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالى» ۋە «جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى ۋە شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن لىكسىيەلەرنى ئاڭلىدى. چۈشتىن كېيىن، مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسىغا بېرىپ، «مۇقام باھارى» مۇزىكا نومۇرى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلاندى. ئاندىن شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ئېلىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ دىنى زاتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ۋە دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئەھۋالىدىن چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى
    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…