- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، پەۋقۇلاددە زور بىر دېلو پاش قىلىندى
ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دۆلەت ھالقىپ تۇرۇپ تېلېگراف ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى چۇۋىۋېتىلدى
2017.04.20 14:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى تەشكىللەپ ۋە قوماندانلىق قىلىپ، پەۋقۇلاددە زور بىر دېلونى پاش قىلدى، يەنى، ئالدامچىلارنىڭ ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ دۆلەت ھالقىغان ھالدا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى، نەتىجىدە، جىنايەت گۇماندارىدىن 30 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى. بۇ دېلودا مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق توڭلىتىلغان مەبلەغنىڭ قىممىتى 11 مىليون يۈەنگە يەتكەن، تۇتۇپ قېلىنغان ھارام مالنىڭ قىممىتى بىر مىليون يۈەنگە يەتكەن.
ئۆتكەن يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى، يۈننەن توڭخەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاممىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشىنى تاپشۇرۇۋلغان، مەلۇم قىلىنغان ئۇ دېلولاردا، ئالدامچىلىق شايكىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى دەپ يۈرۈپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، ھەمدە ئۇ ئالدامچىلارنىڭ كىشىلەردىن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنىڭ سوممىسىنىڭ ئالتە مىليون 440 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقى ئېيتىلغان. يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تېزدىن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت ۋەقەلىرىنى رازۋېدكا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 17 ئۆلكە شەھەرگە چېتىشلىق 47 تۈرلۈك ئوخشاش خاراكتېردىكى تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلولىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، ئالدامچىلىق ئۇۋىسىنىڭ ھىندونېزىيەدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، جىنايەت پاكىتلىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تورنى يىغىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. شۇ قېتىمقى تور يىغىش ھەرىكىتىتىدە، قولغا چۈشۈرۈلۈپ توڭلىتىلغان گۇمانلىق مەبلەغنىڭ ھېسابات خاتىرىسى 100گە يېقىن بولغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ توڭلاتقان ھەمدە مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغ 11 مىليونغا يەتكەن. بۇ يىل يىل بېشىدا ھىندونېزىيەدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن يىن فامىلىلىك، تاڭ فامىلىلىك دېگەندەك ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن سەككىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قولغا ئېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر