باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، ئون ماددىلىق ئىنتىزام بىلەن ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى

2017.04.20 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 19-ئاپرېل خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋە «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى <ئوننى مەنئى قىلىش> بۇيرۇقى»نى ئېلان قىلدى. 19-ئاپرېلدىن باشلاپ بۇ يىل 11-ئايغىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېرىم يىللىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇپ، ئىجرا دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدىكى قېلىپلاشمىغان ھەرىكەتلەرنى تۈزەپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئىجرا قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئون مەنئى قىلىش بۇيرۇقى يۇقىرى بېسىم ھالىتى شەكىللەندۈردىئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاۋجۈن يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017-يىلى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنىڭ ھالقىلىق يىلى، جەڭ يىلى، ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان يىلى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەق تەلەپ، سودا ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قىلمىش قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى ئىجرا ھەرىكىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى چيۇ شىڭمېي مۇنداق دېدى: «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى <ئوننى مەنئى قىلىش> بۇيرۇقى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى سوت مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دېلونىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئوننى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» ئىجرا دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدىكى «پەرۋاسىزلىق، قوپاللىق، يولسىزلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك» ۋە پاسسىپ ئىجرا قىلىش، ئىجرانى كەينىگە سۈرۈش، تاللاپ ئىجرا قىلىشنى مەنئى قىلىش، «يېيىش، ئېلىش، قىيناش، سوراش» ياكى داۋالاشقۇچىغا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان خىراجەتنى ئۈستىگە ئالدۇرۇشنى مەنئى قىلىش، دەۋا دەللالى بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېلونى سۈرۈشتۈرۈش ۋە خىزمەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر