باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىرلىشىش لوڭقىسى» مەكتەپ پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.04.20 14:46   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىرلىشىش لوڭقىسى» مەكتەپ پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاپرىل، مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللى مائارىپ مەھكىمىسى، تەنتەربىيە-سەھىيە-سەنئەت مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى باشچىلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىرلىشىش لوڭقىسى» مەكتەپ پۇتبول لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سانجىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەت ئىچىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان 14 ئۆلكە، شەھەردىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان 15 كوماندا جىددىي رىقابەتلەشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 15 كوماندا مەملىكەت ئىچىدىكى 14 ئۆلكە، شەھەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان 93 مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرى ئارىسىدىن ئۆلكە (شەھەر) بويىچە تاللاش نەتىجىسىدە تاللىنىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار شۇ 14 ئۆلكە، شەھەرگە ۋە مەكتىپىگە ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. ھەر بىر كوماندىدىكى 18 ماھىر ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە جەمئىي 270 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 19-ئاپرىل باشلىنىپ، 25-ئاپرىل ئاخىرلىشىدۇ، ئالدىنقى سەككىز كوماندا مۇكاپاتلىنىدۇ، «مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتار»، «مۇنەۋۋەر رېپىر» مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مىللىي روھنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «تەنتەربىيە ئەخلاق-پەزىلىتى مۇكاپاتى»مۇ تەسىس قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى
    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…