باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەكتىپى قۇرۇلدى

2017.04.20 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپ ئىچىدىكى سىنىپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بولسا مەھەللىنىڭ ئاھالىلىرى. 18-ئاپرىل، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە تۇنجى مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەكتىپى تەڭرىتاغ رايونى بەخت يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شەرقىي كۆل مەھەللىسىدە قۇرۇلدى.شۇ كۈنى، 34 ياشقا كىرگەن ئاشپەز ئۆمەرجان ئەركىن 10 ياشلىق قىزى بەرگەن سومكىسى ۋە دەپتىرىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتقا دەرسكە كەلدى.

  ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر سىنىپىدا 50 نەچچە كۇرسانت بار بولۇپ، ھەممىسى ئۆمەرجان ئەركىنگە ئوخشاش مەھەللە ئاھالىسى.

  شەرقىي كۆل مەھەللىسىدە كۆچمە نوپۇس كۆپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بولغان ئېھتىياج جىددىي، شۇ سەۋەپلىك مەھەللە بىلەن ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي كۆل مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى بىرلىشىپ، مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەكتىپىنى ئاچتى.

  «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چىڭپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللە مەكتىپىنى خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە ئورتاق قۇردى، ئوقۇتقۇچى ۋە سىنىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتتا، ۋاقتىنچە ھەر ھەپتىدە بىر سائەت دەرس تەسىس قىلىندى.

  مەھەللە مەكتىپىنىڭ دەرس سېتكىسىنى كۆرگەندە، «قوش تىل دەرسى»دىن باشقا يەنە، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى، خەلققە نەپ بېرىدىغان سىياسەت، قانۇن-نىزاملار، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر