خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، ج ك پ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ يۆنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا قاراپ چىقتى.
چاڭجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2008-يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ يۆ ئۆزىنىڭ ج ك پ خېبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى، ج ك پ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لۇڭجى تەيخې ئوقەتچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە خاۋ جىڭجۇ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يەر ئېچىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، دېلو بىر تەرەپ قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش- تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدا يەتكۈزگەن، بىۋاسىتە ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئارقىلىق يۇقىرىقى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 157 مىليون 885 مىڭ 12 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل- مالنى قۇبۇل قىلغان. جاڭ يۆ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىلونى مەلۇم قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ياخشى، دېلوغا چېتىشلىق كۆپ قىسىم ھارام پۇل، ھارام مال قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان.
سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، جاۋابكار جاڭ يۆ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى- ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، جاڭ يۆ يەنە ئەڭ ئاخىرىدا سۆز بايان قىلىپ, جىنايىتىگە توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئاممىدىن بولۇپ 60تىن ئارتۇق كىشى سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.
سوتتا قاراپ چىقىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى