باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو بىلەن ئىران ئاراك ئېغىر سۇ رېئاكتورىنى ئۆزگەرتىش تۇنجى سودا توختامىنى رەسمىي ئىمزالىدى، دېدى

2017.04.21 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 20-چېسلا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ۋە ئىران ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى يېقىندا بېيجىڭ ئاراك ئېغىر سۇ رېئاكتورىنى ئۆزگەرتىش تۇنجى سودا توختامى لاھىيەسىنى ئىمزالىدى، مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ۋيېنادا رەسمىي ئىمزالايدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: ئاراك ئېغىر سۇ رېئاكتورىنى ئۆزگەرتىش ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت خىزمەت گۇرۇپىسى قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قوش گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويدى. ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۆزگەرتىش تۈرى قەدەممۇ قەدەم ئىزىغا چۈشتى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ قېتىم ئىمزالانغان توختام ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي باشلاش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمگە ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنى خالايدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ. ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران 4-ئاينىڭ 25– كۈنى ۋيېنادا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ئىران يۇقىرىقى توختامنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالاپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىجابىي كۈچ قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئورتاق قوغداپ ۋە ئىجرا قىلىپ، خەلقئارا يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر