باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت دەرىجىلىك نەشر ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش- ئۆلچەش مەركىزى سۇپىسى ئېلان قىلىندى

نەشر ھوقۇقى مۇلازىمىتى تېخىمۇ قولايلىقلىشىدۇ

2017.04.21 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نەشر ھوقۇقى جەمئىيىتى نەشر ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش- ئۆلچەش مەركىزى تورى يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تۈرلۈك نەشر ھوقۇقى تەرەپلىرى نەشر ھوقۇقىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىقلارنى تېخىمۇ قولايلىق بېجىرەلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 ـيىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان جۇڭگو نەشر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش- ئۆلچەش مەركىزى 3-تەرەپ پەن- تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش تېخنىكىسى»گە تايىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش، بۇلۇت ھېسابلاش، نەشر ھوقۇقى چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن ھوقۇققا چېقىلىش گۇمانىي مەزمۇنىنى تېز ئىزدىيەلەيدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئەسەر، پۈتۈن سۇپا، پۈتۈن ۋاقىتلىق نەشر ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش، ئەمەلىي مۇھىتتا بىر تەرەپ قىلىش، دەۋا قىلىش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىقلارنى بىر يۈرۈش كۆزىتىش ۋە قوغداش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كۆزىتىش دائىرىسى پۈتۈن يەر شارى بويىچە شەخسىي كومپىيوتېر، تور، كۆچمە ئەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور، قانال كۆپەيتكۈچ، بىرىكمە APK قاتارلىق بارلىق توردا قويۇش سۇپىلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، بۇلۇت دىسكىسى، چاپلىمىخانا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى، P2P تور بېكىتى قاتارلىق يېڭىچە سۇپىلارغا قارىتا بۇلۇت سۇپىسى كۆزىتىش تارماق سىستېمىسى ئارقىلىق تۈرگە ئايرىپ كۆزىتىدۇ.

  بۇ مەركەز كەسپىي ھوقۇق قوغداشنى يۈرۈشتۈرۈش ئەترىتى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، 12426 سۇپىسى ئارقىلىق، نەشر ھوقۇقدارى تەرەپنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ توردىكى ئوغرى نەشر ھادىسىلىرىگە زەربە بېرىش «شەمشەر تور ھەرىكىتى»نى تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جۇڭگو نەشر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى يەن شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بۇ، قانۇن ۋە تۈزۈم نۇقتىسىدىن ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، تېخىمۇ بەكرەك تېخنىكا قاتلىمىدا ئىپادىلەندى، بۇ سۇپىنىڭ جۇڭگونىڭ نەشر ھوقۇقى تەرتىپىنى قوغداش، بولۇپمۇ توردىكى نەشر ھوقۇقى تەرتىپىنى قوغداشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر