باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو چاۋشيەننىڭ يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىغا ئالاقىدار ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ

2017.04.20 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو چاۋشيەننىڭ يېقىندىكى يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىغا ئالاقىدار ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ شۇنداقلا زىددىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەر قانداق سۆز ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش مەيدانى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، سەزگۈر، جۇڭگو زىددىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەر قانداق سۆز ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر