باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى پەسىلدە يېڭىدىن 136 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

2017.04.20 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-ئاپرىل ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئاساسىي ۋەزىپە كۆرسەتكۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىم ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 136 مىڭ كىشىگە يېتىپ، نىشان ۋەزىپىنىڭ %30.2ى ئورۇندالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى نۇقتىلىق تۇتۇشى نەتىجىسىدە، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسەت-تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ، تېز ئۈنۈم بەردى.

  1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە 206 مىڭ كىشى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 42 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 12 مىڭ ئادەم ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر