باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ شياۋمىڭ جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى «جۇڭگو-غەرب مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى»گە ئايلاندۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2017.04.20 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ئۈلۈشكۈن جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى «جۇڭگو-غەرب مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى»گە ئايلاندۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ليۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە سىياسىي جەھەتتىكى ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى تارىختىن قېلىپ قالغان يۈكتىن قۇتۇلۇپ، ئالغا بېسىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈش يەتكۈزۈش سەمىمىيىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن يەرشارى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچتى.

  ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش سەھىيە، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى بولۇپمۇ «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر