ئانتىراكتىداغا يېقىن جايدا 7.3 بال يەر تەۋرىدى
2016.05.30 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراللارغا يېقىن جايدا 28-ماي 7.3 بال يەر تەۋرىگەن.
يەر تەۋرەش گېرنىۋىچ ۋاقتى بىلەن 28-ماي سائەت 9 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى 93 كىلومېتىر بولغان، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئورۇن ئانتىراكتىداغا يېقىن ئىكەن. يەر تەۋرىگەن ئورۇننىڭ جەنۇبىدىكى ئارگىتىنادا سىلكىنىش بولغان، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرمىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر