باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تۈرتكۈچىسىگە ئايلاندى

2016.05.30 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈتۈۋالغان كوللېكتىپ ساياھەتچى %150 تىن كۆپرەك ئاشقان، 2-پەسىلگە كىرگەندە، بۇ ئەھۋال كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغان. بۇ ئىككى يىلدا، ئىقتىساد تۆۋەنلەشنىڭ بېسىمى ھەر قايسى كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەھۋالدا، ساياھەتچىلىك باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزلۈكسىز ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى-شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ تۈرتكۈچىسىگە ئايلانماقتا. مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ئالدىنئالا تولۇق تەييارلىق قىلىش، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولدى. مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ مەركىزىنى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتە، ھەر يىلى شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى يەتتە مىڭغا يېقىنلىشىپ، ئالدىنقى نەچچە يىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىدىكى ئالدىنقى مەنزىلگە ئايلاندى. شىنجاڭ قوللاپ قۇرۇغان چەتئەل خەنزۇ تىلى مەركىزى 40 قا يېتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈنسايىن قويۇقلاشتۇردى.

  بۇندىن باشقا، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىدىمۇ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونلۇق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم دۆلەتنىڭ ئېتىراپى ھەم بېكىتىشىگە ئېرىشىپ، بەش چوڭ مەركەز قۇرۇش نىشانىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرلەپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر