باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئاياللار يان تېلېفون، كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك

تەتقىقاتتا ئاياللار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسىنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەنسېرى، شۇنچە ئاسان ئەنسىزلىشىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

2016.05.27 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە DeakinUniversity نىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانىلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Facebook قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا قانچە كۆپ قارىغانسېرى، باشقا ئانىلاردىن شۇنچە ئاسان ئەنسىز بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

  Deaki ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋسترالىيەلىك 528 ئانا ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى بېقىۋاتقان ئانىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ياكى تەكشى يۈزلۈك كومپيۇتېر ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەنسىزلىكى ئاشىدىكەن. قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، تېلېۋىزور كۆرسە بۇ خىل ئالامەتلەر بولمايدىكەن.بۇنىڭغا قارىتا، Deakin ئۇنىۋېرسىتېتى جىسمانىي پائالىيەت ۋە ئوزۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى Megan Teychenne مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بىلىمىزكى كىچىك بالىلارنى بېقىشقا ئانىلارنىڭ نۇرغۇن زېھنى قۇۋۋىتى كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار كۆپ ۋاقتىنى كومپيۇتېر، تېلېفون ياكى تەكشى يۈزلۈك كومپيۇتېرغا سەرپ قىلسا، ئۇلار ئاسانلا ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ، دېدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يـەنە مۇنۇلارنى بايقىغان. ئەگەر بىز كۆپ ۋاقىتنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا سەرپ قىلساق، ئوخشاشلا ئاسان ساراسىمىگە چۈشۈپقالىمىز. 25 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ ئەنسىزلىك كېسىلى بولۇپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى تەڭ ياشتىكى ئەرلەردىن ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر