باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مودا سەنئەت ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ روھىنى نامايان قىلايلى

كارتون فىلىم «لېي فېڭچە ئوت يۈرەك پالۋان» بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

2016.05.30 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارتون فىلىم «لېي فېڭچە ئوت يۈرەك پالۋان»نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ فىلىمنى جۇڭگو كىنوچىلىق پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو كىنوچىلىق گۇرۇھى كارتون فىلىم كەسپىي چەكلىك شىركىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ «يادا» مودا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، جياڭشى ئۆلكىسى «كەيتيەن» كارتون چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن. بۇ كارتون فىلىمدە ھەمىمىزگە تونۇشلۇق بولغان لېي فېڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەر تېما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ قايتىدىن ئىجاد قىلىنىپ، لېي فېڭدىن ئىبارەت نادىر ئوبرازنى قايتا يارىتىش ئارقىلىق «ئۆزئار ياردەم بېرىش، تەقدىم قىلىش، تىرىشىش»تىن ئىبارەت ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلغان ھەم «ئوت يۈرەك»، «قەھرىماننىڭ ئارزۇسى»، «ئارزۇ» قاتارلىق تېمىلار بويىچە كىشىلىك ھايات، ئادىمىيلىك، جەمئىيەت، تۇرمۇش قارىشى ۋە ھېس - تۇيغۇلار يورۇتۇلۇپ، جۇڭگو كارتون فىلىمىدە تۇنجى ئادەتتىن تاشقىرى قەھرىماننىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. كىنودا 3D ماي بوياق ئۇسلۇبى قوللىنىلىپ، ۋەقەلىكتىكى پېرسوناژلار، مەنزىرىلەر ھازىرقى ياشلارنىڭ ئېستېتىك تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. لېي فېڭچە ئوت يۈرەك پالۋان ئاپتوموبىل مۇسابىقە ماھىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى بۇرۇنقى ناھايىتى ئېھتىياتچان، ۋەز - نەسىھەتچى لېې فېڭ روھىدىن ھالقىپ، كىشىگە يېپيېڭى تۇيغۇ بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەچكە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ كارتون كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ، تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە پەخىرلىنىش ئىپادىلەنگەن.

  تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنوچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭسېن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. ئۇلار كارتون فىلىمدىكى يېڭىلىق تۈسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ باستى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر