باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ ئەلئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلدى

2016.05.30 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جاۋشىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىكى گوۋۇيۈەننىڭ ئەلئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش 9 - گۇرۇپپىسى 25 - مايدىن 29 - مايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا مەخسۇس تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىشقا كەلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇناسۋەتلىك ئەلئارا مەبلەغ سېلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش 9 - گۇرۇپپىسى بەش كۈن ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ نازارەت قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق يەتتە ناھىيە، شەھەر، رايونغا بېرىپ، ئون مەيداندىن ئارتۇق سۆھبەت يىغىن ئېچىپ، 100 كارخانىچى بىلەن 20دىن ئارتۇق سودىگەرلەر جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يۈز تۇرا ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەلئارا مەبلەغ سېلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلئارا مەبلەغ سېلىش بازىرىغا كىرىشنى قويۇۋېتىپ، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى ۋە ئۇنى يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، ئەلئارا مەبلەغ سېلىشنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى %41.38كە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر