باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى «تۆت چوڭ مەدەنىي ھەرىكەت»نى باشلىدى

2016.05.30 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتناشتا مەدەنىي بولۇش، داستىخاندا مەدەنىي بولۇش، ساياھەتتە مەدەنىي بولۇش، تورغا چىقىشتا مەدەنىي بولۇشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ مەدەنىي ھەرىكەت»نى باشلىدى.

  قاتناشتا مەدەنىي بولۇش، داستىخاندا مەدەنىي بولۇش، ساياھەتتە مەدەنىي بولۇش، تورغا چىقىشتا مەدەنىي بولۇش ھەرىكىتى «مەدەنىي بولۇشنى تەكىتلەپ، يېڭى كەيپىيات تىكلەش» ھەرىكىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى پائال يېتىلدۈرىدۇ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي يېزا - بازار، مەدەنىي ئورۇنلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىلىرى قاتناشتا مەدەنىي بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، «قاتناشتىكى ئالتە ناچار ئىللەت»نى روشەن ئازايتىشى كېرەك؛ داستىخاندا مەدەنىي بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ساياھەتتە مەدەنىي بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق قالايمىقان ئەخلەت تۆكۈش، خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش، قالايمىقان خەت يېزىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق ساياھەتتىكى مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتلەرنى روشەن ئازايتىشى كېرەك؛ تورغا چىقىشتا مەدەنىي بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق توردا پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش ۋە توردا ئالدامچىلىق قىلىشتەك مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتلەرنى روشەن ئازايتىشى، تور بوشلۇقىنى تېخىمۇ ئوچۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىلىرى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر ياقتۇرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئاممىنى قاتنىشىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە جەلپ قىلىپ، قاتناشتا مەدەنىي بولۇش، داستىخاندا مەدەنىي بولۇش، ساياھەتتە مەدەنىي بولۇش، تورغا چىقىشتا مەدەنىي بولۇشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ مەدەنىي ھەرىكەت»نى ئاساسىي قاتلامدا، ئامما ئارىسىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈشى كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر