باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتى باشلاندى

2016.05.30 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2016- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى 27- ماي چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتى سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش قوماندان يۈ شيۇدۇڭ ئايرىم- ئايرىم ئاپتونوم رايونىمىز ۋە بىڭتۈەندە مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن 2016- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتى «يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا 20 يىل بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 29- ماي يولغا چىقىدىكەن، 8- ئىيۇن قايتىپ كېلىدىكەن. بۇ يىل بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى شى- تۈەن- شەھەرلىرى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئەستايىدىل تەشكىللىدى. نەيىم ياسىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئۈچ مۇئاۋىن مۇدىر مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى ھەم ئۇلار تۆت كىچىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇنداق ئۆلچىمى يۇقىرى، دائىرىسى كەڭ پائالىيەتنى تېخى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۆت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تارباغاتاي، ئۈرۈمچى، سانجى، بورتالا، ئىلى، ئاقسۇ، قومۇل قاتارلىق ئون ۋىلايەت- ئوبلاست- شەھەر بىلەن بىڭتۈەننىڭ ئون شى- شەھىرىگە بېرىپ، «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە قانۇن- نىزاملارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىي كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، مۇھىت ئاسراش قانۇنى قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنىي تۈزۈم ۋە مۇھىم بەلگىلىمىلەرنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن- نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پائالىيەتنىڭ تېمىسىنى چۆرىدەپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەڭ كۈچ چىقىرىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتىدە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، ئىنئام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىيۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر