باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى كۋانت سۈنئىي ھەمراھى 7-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ

2016.05.30 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 28-ماي جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى كۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى بۇ يىل 7-ئايدا قويۇپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى كۋانت ئالاقىسى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاسمان بىلەن يەر يۈزى بىر گەۋدىلەشكەن كۋانت مەخپىي خەۋەرلىشىشى ۋە پەن-تېخنىكا تەجرىبە سىستېمىسى بەرپا بولىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۋانت خەۋەرلىشىشىنىڭ بىخەتەرلىكى كۋانت فىزىكىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان: يەككە فوتوننىڭ ئايرىلماسلىقى ۋە كۋانت ھالىتىنىڭ تەقلىد قىلغىلى بولماسلىقى ئارقىلىق ئۇچۇرنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالماسلىق ۋە يېشەلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، سالاھىيەت بېكىتىش، شىفىرلاشتۇرۇپ يوللاش ۋە رەقەملىك ئىمزا قويۇش قاتارلىقلارنىڭ شەرتسىز بىخەتەرلىكى پرىنسىپ جەھەتتىن ھەقىقىي قوغدىلىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسى تۈپتىن، تەلتۆكۈس ھەل قىلىنغان.

  سۈنئىي ھەمراھ ھازىر ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇشنى تاماملاپ، زاۋۇتتىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئېلېكتر سىنىقى قىلىۋاتقان، بۇ يىل 6-ئايدا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىگە يۆتكىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر