باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

بۇ يىل داۋالاش ئىسلاھاتىدا توققۇز نۇقتىلىق خىزمەت ياخشى ئىشلىنىدۇ

2016.05.30 16:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 27- ماي 2016- يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىدىكى توققۇز نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ ۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016- يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىدىكى توققۇز نۇقتىلىق ۋەزىپە ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە: ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دورا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سەھىيە- ساقلىق ساقلاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ساغلاملىق مۇلازىمىتى كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايون بۇ يىل مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى غەملىمىسى ۋە كاپالەت سەۋىيەسى مېخانىزمى ئورنىتىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى%95تىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىچە تولۇقلىما ئۆلچىمى 420 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايدا داۋالىنىپ راسچوت قىلىش، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆلكە ئاتلاپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. چوڭ كېسەللىك سۇغۇرتىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چوڭ كېسەللىك سۇغۇرتا سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرگەن نامرات ئاھالە، بەشتە كاپالەتلىك بېقىش ئوبيېكتلىرى ۋە تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەر- يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىگە مايىللاشقان چىقىم سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېما قۇرۇلۇشى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  خۇاڭ ۋېي يىغىندا: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتى خىزمىتىدە زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش بايلىقى تەقسىماتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش؛ داۋالىنىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ھەمكارلىقىنى ئاساسىي يول قىلىپ، دورا ۋە داۋالىنىش مۇلازىمىتى باھاسىنى تېزدىن تەرتىپكە سېلىش؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 13- بەش يىللىق داۋالىنىش ئىسلاھاتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەدە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات، شۇڭا كۈچلۈك تەشكىللەش، يولغا قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىكنى ساقلاش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى ھەم چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساس دورا تۈزۈمى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەشغۇلات يېڭى مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالغان. گوۋۇيۈەننىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى تاماملاش كۆرسەتكۈچى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرھال سەۋىيەدىن يۇقىرى تۇرغان، بولۇپمۇ شەھەر- يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر