باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو(بېيجىڭ) خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىگە قاتناشتى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى

2016.05.30 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4- نۆۋەتلىك جۇڭگو (بېيجىڭ) خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى 28- ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يەرمەنكىگە قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىن يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمە ئورنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  جۇڭگو (بېيجىڭ) خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى سودا مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى يەرمەنكە بولۇپ، ھازىر دۇنيا بويىچە مۇلازىمەت سودىسىدىكى 12 چوڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە شىنجاڭ ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «قارلۇق» مىدىيا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، «گاۋدې» باشقۇرۇشتىن مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مۇلازىمەت سودىسى كەسپىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، نەشرىياتچىلىق، يېڭى تاراتقۇ تورىنى ياساش قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان ئون كارخانا قاتناشتى.

  شۆھرەت زاكىر دۇنيا مۇلازىمەت سودىسى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يەرمەنكە ئورنىغا كېلىپ، بۇ ئون كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ كارخانا تەرەققىياتى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مۇلازىمەت سودىسى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە تەربىيەلەش، مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەھسۇلات ئىشلىتىش ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەللىككە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي چوڭ بازار، شىنجاڭلىقلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شىنجاڭدا يەنە بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرى بار، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە قارىغاندا بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىدە، بولۇپمۇ مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن كارخانىلىرىدا ئىختىساسلىقلار كۆپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تىجارەت ئېڭىدا يېڭىلىق بار، خىزمەت ئۇسۇلى خەلقئارالاشقان، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئالاھىدىلىك ۋە يارقىن نۇقتىلارنى يورۇتۇپ، كەسىپلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق مۇلازىمەت سودىسى ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 3 مىليارد 80 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.77 ئېشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى تېز بولغان. بىر تۈركۈم مۇلازىمەت سودىسى كەسپىدىكى غوللۇق كارخانىلار تېز سۈرئەتتە زورايغان، شىنجاڭ «لىئاڭ» تېلېگراف شىركىتى، شىنجاڭ «شىلىڭ» ئۇچۇر شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە مۇلازىمىتىنى سىرتقا ھۆددىگە بەرگەن 100 نۇقتىلىق كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ «ئاتلان» تىل ئۆگىتىش مەركىزى قاتارلىق مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان تۆت ئاپپارات 15 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر