باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «فوند جەمئىيىتى باشقۇرۇش نىزامى» تۈزمەكچى

2016.05.30 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەير-ساخاۋەت قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «فوند جەمئىيىتى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بەلگىلىنشىچە، فوند جەمئىيىتىنىڭ مال-مۈلكى ۋە باشقا قانۇنىي تاپاۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بولۇپ قۇرغۇچى، ئىئانە قىلغۇچى، كېڭەش ئەزاسى، نازارەتچى ۋە خادىملار ئارىسىدا تەقسىم قىلىشقا بولمايدىكەن. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا بۆلۈشۈۋېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، فوند جەمئىيىتىنىڭ مال-مۈلىكىنى تەقسىم قىلىشىغا بولمايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، فوند جەمئىيىتى ئاشكارا ئىئانە توپلىغاندا، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن. ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشمىگەن فوند جەمئىيەتلىرى قۇرغۇچى، كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق مۇئەييەن ئوبيېكتلار دائىرىسىدە نىشانلىق ئىئانە قىلىشقا بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فوند جەمئىيىتى ئاشكارا ئىئانە توپلاشنى قانات يايدۇرغاندا، ئىئانە توپلاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىمكەن.

  ئىئانە توپلاش لايىھەسىنى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر