باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەۋقەنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە قاراتتى

2016.05.30 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەۋقەنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتىپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2016- يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىدىن جەمئىي 3 مىليارد 8428 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ 18 تۈردىكى 844 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى. مائارىپ جەھەتتە، مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىدىن 1 مىليارد 535 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى 552 «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، 19 مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى، سەككىز كەسپىي مائارىپ قۇرۇلۇشى ۋە چەت، جاپالىق رايون يېزىلىرىدىكى 66 ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ياتىقى(2- قارار) قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مەدەت بەردى؛ سەھىيە جەھەتتە، بىرىنچى تۈركۈمدە مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىدىن 630 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە چەت، نامرات رايونلاردىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك، ناھىيە(شەھەر) دەرىجىلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى، يېزا- بازارلىق شىپاخانا قۇرۇلۇشى، بالىلار داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەتىرىنى نازارەت قىلىش- ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش چوڭ ساھەدىكى 92 تۈرنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى؛ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ساياھەتچىلىك جەھەتتە، مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىدىن 280 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ تەرجىمە سارىيى قۇرۇلۇشى ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك يەتتە ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، 36 يېزا، كەنتنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى خاتىرە سارىيىنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە مەدەت بەردى؛ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاش جەھەتتە، مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىدىن 202 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالتە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى قۇرۇلۇشى، ئون يېزا- بازارلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشى، 14 مەھەللە ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى، ئۈچ ناھىيە دەرىجىلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاسراش مەركىزى قۇرۇلۇشى، ئىككى ناھىيە دەرىجىلىك مۇسۇلمانلار دەپنە ئىشلىرى ئورنى قۇرۇلۇشى، بەش جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنى ئۆزگەرتىش- ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، 12 پۇتبول مەيدانى قۇرۇلۇشى، تۆت ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانى ۋە پۇتبول مەيدانى، ئۈچ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مەدەت بەردى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، مەركەز مالىيەسىنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسىدىن 520 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1000 كەنتنىڭ ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى؛ باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، كۆچۈرۈش خىزمىتى جەھەتتە، بۇ يىل باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، كۆچۈرۈش مەبلىغىدىن 1 مىليارد 566 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7692 ئائىلىلىكنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، كۆچۈرۈش خىزمىتىگە مەدەت بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر