بىرمىنىڭ شىمالىدىكى پاگان قاشتېشى كان رايونىدا گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 13 كىشى قازا قىلدى
2016.05.27 11:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
بىرما فېدېراتسىيە پارلامېنتى خەلق پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ دىڭجۈننىڭ 24 – ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەلىللىشىچە، بىرمىنىڭ شىمالىدىكى كاچىن ئىشتاتىنىڭ پاگان قاشتېشى كان رايونىدا يۈز بەرگەن گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسىدە 13 كىشى قازا قىلىپ، 20 كىشى يارىلانغان، 100دەك كىشى كۆمۈلۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆمۈلۈپ قالغۇچىلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك ئىكەن. ۋۇ دىڭجۈن مۇنداق دېدى: گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى 23 – ماي كېچىدە يۈز بەردى، كۆمۈلۈپ قالغان 100 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى قاشتېشى تەرگۈچى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر