باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015-يىللىق جۇڭگودىن چەتئەلگە ساياھەت چىقىشتا چېگرىدىن چىقىش بىخەتەرلىكى دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2016.05.27 10:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «2015-يىللىق جۇڭگو چەتئەل ساياھىتى چېگرىدىن چىقىش بىخەتەرلىكى دوكلاتى»دىن كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگونىڭ چېگرا سىرتى ساياھىتىدە خەتەر نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 25دىن بىرىگە يەتمەيدىكەن، جىنزوڭلۈ كارخانا ئاپپاراتىنىڭ باش مۇدىرى پەن خاۋبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساياھەتچىلەرنىڭ خەتەر ئېڭى ئاجىز بولۇش،ساياھەت كوپراتىپلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى ئەسكەرتىش خىزمىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئاساسلىق سەۋەب. پەن خاۋبو مۇنداق دېدى: بەزىلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ناھايىتى نۇرغۇنلىرى تەۋەككۈل قىلىدۇ، يەنە ناھايىتى كۆپلىرى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى، باھاسى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى، ئەڭ ياخشىسى ساياھەت كوپراتىپى سوۋغا قىلسا ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەمما ھازىر ساياھەت قانۇنى بويىچە ساياھەتچىلەر چوقۇم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىۋېلىشى كېرەك، شۇڭا بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ مۇلازىمىتى يېتىشمەيدۇ.

  چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش خەتىرى ھەققىدە دوكلاتتا مۇنۇلار ئايان بولدى: چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىشتا ئەڭ تاسادىپى يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئاساسلىقى مۈلۈك زىيىنى ۋە سەپەرنىڭ قولايسىز بولۇشى، بارلىق تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان خەتەر ئىچىدە سەپەرنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشى جۇڭگونىڭ چەتئەل ساياھىتى ماجراسى ۋە تاسادىپىلىق ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋەقە بولۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋالنىڭ %77نى ئىگەللەيدۇ، پەن خاۋبو مۇنداق دەپ قارىدى: سەپەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سۇغۇرتىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، چەتئەللەردە سەپەر سۇغۇرتىسى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش سۇغۇرتىسى ئەڭ كۆپ، چۈنكى ئەمەلىيەتتە سەپەردە ناھايىتى كۆپ تاسادىپىلىق بولىدۇ، ئەمما ھازىر ئەمەلىيەتتە بىز ئەمەلدىن قالدۇرۇش سۇغۇرتىسىنى دېگەندەك تەرەققى قىلدۇرالمىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى نۇرغۇن زىددىيەت بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر