- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيە ئوكىناۋا ئاممىسى يىغىلىش قىلىپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى
2016.05.26 16:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تەخمىنەن تۆت مىڭچە ئوكىناۋا ئاممىسى تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوكىناۋادىكى بازىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ ئوكىناۋالىق ئايالنىڭ جەسىتىنى خالىغانچە تاشلاپ قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن بازىسىنى يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلار مۇنداق دېدى: ئوكىناۋا ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ بېسىمىغا ئەمدى چىداپ تۇرمايدۇ. ئوكىناۋالا ئەمەس ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئۈزۈلمەيدۇ.
شۇ كۈنى يىغىلىشتا ئېتىراز باياناتى ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىنى ئازايتىش، «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورنى كېلىشىمى»گە تەلتۆكۈس تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر