باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغان 65 يىلدىن بۇيان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى

2016.05.27 10:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى 1951-يىلى 23-ماي بېيجىڭدىكى جۇڭنەنخەيدە «شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش چارىسى ھەققىدىكى كېلىشىم»نى ئىمزالىدى. شۇندىن تارتىپ، شىزاڭ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن يۈكسىلىشكە، نامراتلىقتىن بېيىشقا، مۇستەبىتلىكتىن دېموكراتىيەگە، بېكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ ماڭدى. 65 يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىزاڭ تولۇق-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئارزۇ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر-بىرلەپ ئالەمشۇمۇل تارىخىي سەھىپىلەرنى يېزىپ چىقتى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش-يېڭى شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى بولدى. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىزاڭ مالىيەنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سالدى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، بەشتە كاپالەت ئوبيېكىتلىرى ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك باقتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئالدى بىلەن باراۋەرلەشتۈردى. تىنچ ئازاد بولغاندىن بۇيان، شىزاڭ فېيودال يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خەلق دېموكراتىك سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئورناتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۆتمۈشتىكى يانچىلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولماقتا. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىن 12 زاڭزۇ ۋەكىل بار، مېنبا، لوبالارنىڭ نوپۇسى بەك ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردىن ۋەكىلى بار. نۆۋەتتە، لاما دىنىدىكى گىگەنلىككە ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تولۇق ھۆرمەت قىلىنماقتا، بۇتخانىدا نوم ئۆگىنىش، شەرھلەش، ئىنرام قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى دىنىي پائالىيەتلەر نورمال ئېلىپ بېرىلماقتا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنماقتا. تىنچ ئازاد بولۇشتىن بۇرۇن، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قالغان ئىدى، زامانىۋى سودا-سانائەت يوق دېيەرلىك ئىدى. تىنچ ئازاد بولغاندىن بۇيان، شىزاڭ ھالقىما تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرىدا، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يۈز مىليارد يۈەندىن، كىشى بېشى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 30 مىڭ يۈەندىن، ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئىككى مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. 13-بەش يىللىق پىلان باشلانغان يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى 2020-يىلىغىچە، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە، يۇرت-ماكان گۈزەل، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مەدەنىي، ئىناق بولغان ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى بېكىتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر