باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى

2016.05.20 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرممىسى. گۇۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى ئىسلاھاتى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار قانۇن-نىزاملار ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن مەقسەت: ساياھەتچىلىكتە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك كەسپى ۋە خەلقنى تېخىمۇ قانائەتلەندۈرىدىغان زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساياھەتچىلىك ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك قوشۇنى ۋە ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشتىكى چوڭ سەھنىسى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تىرىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرغۇچى ۋە جۇڭگونىڭ تاشقى دوستانە ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈك. ئېلىمىز ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن تەمىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ساياھەتكە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى ساياھەت بازارلىرىغا ئومۇميۈزلۈك مايىللاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى شېرىكلىك ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ساياھەتچىلىك قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، ساياھەت بازارلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل ساياھەتچىلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر، رەڭدار ھەم كۆڭۈللۈك ساياھەت مەنزىرىسى بىلەن ھوزۇرلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن رايون ساياھىتى ۋە «ساياھەت+» ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى «ئالاقە تورى+» غا بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا 1- 2-، 3-كەسىپنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر