باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توغراقمازار باشلانغۇچ مەكتىپىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2016.05.26 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، خالىقجان قۇربان خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىسى توغراقمازار باشلانغۇچ مەكتىپىدە 34-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى-تەرەققيات يىلى پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى تۇنۇش» ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، «ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە «ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى توغراقمازار باشلانغۇچ مەكتىپى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، رەتلىك كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلار سىنىپ تەربىيەچىلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان «ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش» دېگەن تېمىدىكى مەخسۇس تېمىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتتى. چىرايلىق سىزىلغان رەسىملەر، ھاياجان ئىلكىدە رىپتىتسىيە قىلىنىۋاتقان شېئىر-نەسىرلەر، ئوقۇلۇش ئالدىدا تۇرغان نۇتۇقلار ساۋاقداشلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغان ئىدى.

  پائالىيەت باشلىنىشى بىلەنلا، ئالدى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما قىلىنغان رەسىم كۆرگەزمە پائالىيىتى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ئاخىرىدا «ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش» دېگەن تېمىدىكى نۇتۇق سۆزلەش، شېئىر-نەسر دىكلىماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە توغراقمازار كەنت مەكتىپىدىكى توققۇز ئوقوتقۇچى ۋە 160 ئوقۇغۇچى قاتناشتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا ھەر قايسى تۈرلەردە يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ماھىرلار مۇكاپاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر