باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 89 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.05.26 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگىراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 25-ماي مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 89 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ، بۇ تور بېكىتىنىڭ «1-ماي» تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدىكى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى قۇرغاندىن كېيىنكى ئۇدا تۆتىنچى ھەپتىلىك خەۋىرى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنىدە يۈز بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېنەندە يەتتە دېلو يۈز بەرگەن بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ نييەنجىندە بەش، شاڭخەيدە بەش، گەنسۇدا بەش دېلو يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ لياۋنىڭدا تۆت، جياڭسۇدا تۆت، ئەنخۇيدا تۆت، شەنشىدە تۆت دېلو يۈز بەرگەن بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەردىن كېيىن تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 مەسىلە بايرام مەزگىلىدە سوۋغا ئېلىش-بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بايراملىق پاراۋانلىق، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ھەر ھەپتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر