- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى
1500 تۈرلۈك ۋەدە بېرىلدى
2016.05.25 14:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنى 24-ماي تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى، بان كىمون باشلىقلار يىغىنى يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: بىر قىسىم دۆلەتلەر، خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيۇشمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىغىنغا قاتناشقان 400دىن ئارتۇق تەرەپ 1500 تۈرلۈك ۋەدە بەردى، دېدى.
تۈركىيە زوڭتوڭى ئەردوغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، خۇسۇسىي تارماقلار ۋە كرىزىسقا ئۇچرىغۇچىلار بىرلىكتە ھەمكارلاشقاندىلا، ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىدىن ساقلىنىشتىكى ئەبەدىي ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلار يىغىنىنى بان كىمون تەشەببۇس قىلىپ ئاچقان بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى تىرىشپ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا بولغان قوغداشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا مۇراجەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر