باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىيۇ چىباۋ جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كورېيەدە زىيارەتتە بولدى

2016.05.24 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىيۇ چىباۋ 20-مايدىن 23-مايغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كورېيەدە زىيارەتتە بولدى.

  لىيۇ چىباۋ سىيولدا كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مەدەنىيەت تەنتەربىيە ساياھەت مىنىستىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. لىيۇ چىباۋ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پاكھوننىڭ ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىدە خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. جۇڭگو كورېيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيە، پارلامېنت، ئىقتىساد سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىپ، ئاسىيانى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، دۇنيانىڭ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شېرىكلەردىن بولۇشنى خالايدۇ. كورېيەنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: كورېيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، كورېيە جۇڭگو بىلەن ئۆز ئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى خالايدۇ.

  لىيۇ چىباۋ كورېيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى، دۇنيا ئىلىمى مۇنبىرىنىڭ شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر